|
شىنجاڭ تور مەكتىپىگە ئوقوتقۇچىلىققا تىزىملاتقان ئوقوتقۇچىلار ئۆزى خالىغان دەرسلىكنى ھەقسىز ئاڭلاش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ شىنجاڭ تور مەكتىپى قەشقەر بۇلاق تەربىيىلەش مەكتپىنىڭ ئىككى يىل ئەتراپلىق، پۇختا تەييارلىق قىلىشى ۋە بەشيۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سىلىشى بىلەن قۇرۇلغان بىلىم مۈلۈك ھوقوقىغا ئىگە تور بىكەت. تور بېكىتمىزنىڭ نىشانى: ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۇچۇرلاشقان دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ،ئەڭ يىڭى ئۇچۇر ۋە ئەڭ يىڭى دەرسلىكىمىز ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارنى، ۋەتەن ۋە خەلىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. تور مەكتپىمىز خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىشەنچىسگە ئىرىششى، ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭ تور مەكتىپىگە ئوقوتقۇچىلىققا تىزىملاتقان ئوقوتقۇچىلار، ئۆزىنىڭ مائاش تەمىناتىدىن باشقا تور بىتىمىزگە چىقىرىلغان دەرسلىك تۈرىدىن بىر تۈرىنى ھەقسىز ئاڭلاش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. 1-ئوقوتقۇچىلىققا تىزىملىتىدىغان پەن تۈرى: باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى، ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى، فىزىكا، خېمىيە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە پەنلىرىنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرى بويىچە، ئۇنۋېرسال مائارىپ دەرسلىكلەردىن ئېنگلىزتىلى 4-،6- دەرىجە سىنىپى، ياپۇن تىلى تۆۋەن، ئوتتۇرا سەۋىيە، كومپيۇتېر 2- دەرىجە، تور بەت تۈزۈش دەرسلىكى قاتارلىقلار. 2- ئوقوتقۇچىلار يۇقارقى كەسىپلەرگە، ئوقوتقۇچىلىققا تىزىملىتىپ، سىناق دەرس ئۆتكەندىن كىيىن سالاھىتى بەلگىلىنىلىدۇ، سالاھىتى بەلگىلەنگەندىن كىيىن قانۇنلۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىنىدۇ، ئەمگەك توختامى ئىمزالانغاندىن كىين،ئوقوتقۇچىلار ئۆزى تاللىغان دەرسلىكنى، بىكىتكەن ۋاقىت ئىچىدە چوقوم سۈپەتلىك، تولۇق ئىشلەپ تاپشۇرغاندىن كىيىن، ئوقوتقۇچىلار يۇقارقى تەمىناتدىن بەھرىمان بولىدۇ. 3- بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ تور مەكتىپى ئوقوتۇش گورۇپىپىسغا تەۋە
شىنجاڭ تور
مەكتىپى ئۆز بىلمىڭىز بىلەن ھەممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش، ئۆز
قابىليىتىڭىزنى نامايەن قىلىش، ئىقتىسادىي كىرىمىڭىزنى ئىلگىرى
سۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشڭىز.
|
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:13199988824