شىنجاڭ تورمەكتىپنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇلىشى

     شىنجاڭ تور مەكتپى تورى- قەشقەر بۇلاق تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ باشىقۇرىشىدىكى تور پونكىتى بولۇپ، بۇ تور قۇرۇلۇشىغا ئومۇمى سىلىنغان مەبلەغ بەشيۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ يىقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسدا 2 يىل پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە,خەلقىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ مائارىپ تور پونكىتى،
  بۇ تور پونكىتى ئارقىلىق يەسلى مائارىپى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مائارىپى، ئالىي مائارىپ، كەسىپىي مائارىپ، چەتئەل تىلى، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش، ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش، چوڭلار مائارىپى قاتارلىق سەھىپىلىرى بىلەن بىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرسا، ئىلمي ماقالە، دەرسلىك يۇمشاق دېتالى، دەرسلىك لاھىيە چۈشۈرۈش سەھىپىلىرى ئارقىلىق جەمىيئىتىمىزدىكى ھەر ساھا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتگە يىقىندىن يارىدەمدە بولغۇسى. ئۇنىڭدىن باشقا تور پونكىتىمىز تىبى ساۋات، گۈزەللىك ۋە تەنتەربىيە، ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق سەھىپىسى بىلەن كەڭ ساغلاملىق ئىزدىگۈچى بىمارلارغا شۇنداقلا گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى خانىم – قىزلىرىمىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ئۆزنىڭ بىر كىشلىك رولى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنيتىگە ئۆزنىڭ تولۇق رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى.
    بۇ تور پونكىتىنى قۇرۇشىمىزدىكى ئاساسى مەقسىدىمىز: كەڭ بىلىم
ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ  رايون، ئارىلىق چەكلىمىسى بولمىغان ئاساستا يەر شارىدىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ يىڭى، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمنى ئىگەللىتىش، شۇنداقلا ئاتا – ئانىلارغا ئائىلە ئوقوتقۇچىسى تەكلىپ قىلىشتىن، كىلىپ چىقىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى يىنىكلتىش ھەم كەڭ بىلىم ئۈگەنگۈچى دوستلىرىمىزنىڭ مۇككەممەل بولغان بىر كەسىپ ۋە بىلىم ئىگەللەپ ۋەتىمىز، ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.
    بۇ تور پونكىتى ھازىر رەسمى سىناق  شەكىلدە يولغا قويۇلغان بولۇپ سىزنىڭ، ئۇنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ يىقىندىن قوللشىمىزغا مۇھتاج، قىنى ھەمىمىز بىرلكتە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ بۇ تور پونكىتىنى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ
ئوقوتۇش  تور بىكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرشايلى.


باش بەتكە قايتىش